UyghurMain Dictionary
قەد كۆتۈرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بوي سوزماق، ئۆسمەك، ئېگىزلىمەك.
- ئەجەپ چوڭ ئىمارەتلەرغۇ بۇ، - دېدى تېرىقچى دەريانىڭ ئۇ يېقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۈچ بىنانى كۆرسىتىپ.
يۈكسەلمەك، ئوڭشالماق، تەرەققىي قىلماق.
- سىلەرنىڭ كەنت بۇ يىل قەد كۆتۈرۈپ قالدى، - دېدى سادىق سەل ئويلىنىۋېلىپ.
پەيدا بولماق، بىنا بولماق؛ قۇرۇلماق.
بۇ ئۇزۇن ئۆستەڭ قاشلىرى ئالتۇنچىلارنىڭ قان ۋە ئۇستىخانلىرى بەدىلىگە قەد كۆتۈرگەنىدى.