UyghurMain Dictionary
قەدەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چامدام، ئاياغ، قەدەم:
گۇلشەنى دۇنيادا تا قويدۇم قەدەم يۈز شۈكرىكىم،
رەشىك، ھەسرەتدىن رەقىبنىڭ يۈرەكى قاندۇر بۈگۈن.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چامدام؛ ئاياق؛ تەلەي: قەدەمكەش - ئاياق باسقۇچى، يول يۈرگۈچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماڭغاندا پۇتنىڭ ھەر بىر ئاتىلىشى.
يولىنى كۆرۈپ قەدەم باس. كېچكىپ قەدەم تاشلىغان قەدەم تاشلىمغاندىن ئەلا. ئىككى قەدەم ئارتقا، بىر قەدەم ئالغا. ئىككى چامدام مېڭىپ بىر توختىغان مەنزىلگە كەچ بارىدۇ. پۇتى قىسقىنىڭ ماڭدىمى قىسقا. ھايات بىلەن ماماتنىڭ ئارىلىقى بىر ئاتىم.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قەدەم دېگىنىمىز ئادەتتە يول يۈرگەندە ئارقىدىكى پۇتنىڭ ئۇچۇدىن ئالدىدىكى پۇتنىڭ تاپىنىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: قەدەم بىر مېترنىڭ 3 / 1 ىگە توغرا كېلىدىغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى، يېرىم ئارشىن، نورمال بىر ئاياق ئۇزۇنلۇقى، قەدىمدە 12 بارماق ئۇزۇنلۇقىغا تەڭ ئىدى، بىر قەدەم 37.5 سانتىمېترغا تەڭ< (>ئوكيانۇس< >تۈركچە<، Ⅱ توم، 1313 - بەت) دېيىلگەن. بۇ ئىنگلىزلاردىكى فوت (foot) قا توغرا كېلىدۇ. بىر فوت 30.48 سانتىمېتر بولىدۇ. >بابۇرنامە< دە: >4000 قەدەم بىر مىل بولىدۇ< دېيىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاياغ تاشلاپ قىلىنغان ھەربىر ھەرىكەت، چامدام، ماڭدام.
ئۇ خىيالچان كېتىۋاتقان دىلبەرنى كۆردى - دە، قەدەملىرىنى تېزلەتتى.
ئىككى ئاياغ ئارىسىدىكى ئارىلىق، مۇساپە؛ ئارىلىققا (مۇساپىگە) تەڭ بولغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى.
جىگدىلىكتىن دەسلەپ ئەيسا پاششاپ، ئارقىدىن 20 قەدەم ئارىلىق قالدۇرۇپ يىپەك سەللىلىك ئادەم چىقتى.
ئۆسۈش، راۋاجلىنىش، ھەرىكەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تېزلىكى، سۈرئەت.
سىز يەنە ھازىرقى قەدىمىڭىز بىلەن ماڭسىڭىز، 10 - 20 يىلدىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلمىي خادىم بولۇپ چىقالايسىز.
كۆچمە. ئۆسۈش، راۋاجلىنىش، ھەرىكەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىر بۆلىكى؛ باسقۇچ.
ئۇلار زىيان تارتىش ھالىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزگەرتتى.
كۆچمە. يۈرۈش، ھەرىكەت.
>ھە، ئۈرۈمچى ۋاقتى...< ئۇ بۇ يېقىملىق سۆزنى يۈرىكىدە قايتا - قايتا تەكرارلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز قەدىمىنى ۋەتىنمىزنىڭ ۋاقتى بىلەن بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئويلىغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدەم، چامدام، ئالغا بېسىش.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
چامدام؛ ئىلگىرىلمەك