UyghurMain Dictionary
قىچا تەملىك بېلىق قەلەمچىسى
Domain: ئۇيغۇر تائاملىرىبېلىق گۆشى 200 گرام، قورۇلغان قىچا 50 گرام، سوڭپىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق، جياڭيۇ ئازىراق، تېتىتقۇ مۇۋاپىق، زەنجىۋىل ئازىراق، كۈنجۈت يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.
1. بېلىقنى پاكىزە ئادالاپ، ئۇنىڭغا سوڭپىياز، جياڭيۇ، تېتىتقۇ، زەنجىۋىل، تۇز سېلىپ 20 مىنۇت تەملەندۈرگەندىن كېيىن 6-5 دەرىجە قىزىقلىقتىكى ياغقا سېلىپ ئىككى قېتىم پىشۇرۇپ سوۋۇتىلىدۇ.
2. بېلىقنى قەلەمچە توغراپ تەخسىگە رەتلىك تېزىپ، قىچىنى يۇمشاق ئۇگۇپ، ئۇنىڭغا ئازىراق تۇز، سۇ قۇيۇپ قوچۇپ، ئازىراق كۈنجۈت يېغى تېمىتىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىدىكى بېلىقنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.