UyghurMain Dictionary
قىچا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تاغ قىچىسىغا
ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، رەڭگى يېشىل ياكى سۆسۈن، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرمىقىدا سېپى
بولىدۇ، گىرۋىكىدە يېرىقچىلىرى بولىدۇ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇزۇن سوقىچاق ياكى تىمىنە شەكىللىك. گۈلى سېرىق، ئومۇم گۈل
رېتىدە، مېۋىسى قىسقا، مۈڭگۈزلۈك مېۋە، ئۇرۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
تۆتىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئاشقازان، جىگەر ۋە مېڭىنى كۈچلەندۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق ياندۇرۇش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 2 ~ 3 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە
بولغانلارغا 3 ~ 4 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 5 ~ 6 گرام، 15 ياشتىن چوڭلارغا 6 ~ 9 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قىچىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ تالقانلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دىماغنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، سوغۇقتىن بولغان نەزلىلەرنى
پەسەيتىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ، باشنى چۈشۈرتۈپ باشقا چېپىپ بەرسە، سەرسام (مېڭە پەردىسىنىڭ ئىششىقىنى) ۋە سوغۇقتىن بولغان زۇكام
ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ پېشانىگە چېپىپ بەرسە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، سوغۇقتىن زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ سۇيۇلدۇرۇپ، بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتقان كىشىنى چۈشكۈرتۈپ ھوشىغا كەلتۈرىدۇ.
قىچىنى سۇدا قاينىتىپ قۇلاقنى ھوردىتىپ بەرسە، قۇلاقنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.
قىچىنى سۇ ۋە ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تارتىپ بەرسە، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى يوقىتىپ، كىرپىكلەرنى يۇمشىتىدۇ.
قىچىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى بىر ئاز ھەسەل بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا تارتىپ بەرسە، نامازشام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنىڭ يېڭى ھۆل ئۇرۇقىنى ئېزىپ، سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى شېشىگە ئېلىپ قويۇپ قۇرۇتۇپ كۆزگە تارتىپ بەرسە، كۆز
كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ ئەنجۈر بىلەن قوشۇپ، پىلتىكۈچ ئېتىپ قۇلاققا سېلىپ بەرسە، قۇلاقنىڭ ئاغرىقى ۋە غوڭۇلدىشىنى يوقىتىدۇ.
قىچىنى يۇمشاق ئېزىپ، ھەسەل سۈيى بىلەن غار - غار قىلىپ بەرسە، تىلنىڭ تېگىدىكى ئىششىق، تىلنىڭ ئېغىرلىقى، چىش ئاغرىقى،
گالنىڭ يىرىكلىكى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنى يۇمشاق ئېزىپ سۇيۇلدۇرۇپ، داكىغا ئوراپ زەخىملەنگەن ئورۇنغا قۇيۇپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئىچىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنى يالپۇز ۋە شاراب بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چىقىرىدۇ.
قىچىنى يارما قىلىپ سۇدا پىشۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، تۈرلۈك تۇتقاقلىق تەپلەرنى يوقىتىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ سىركە بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىرىڭلىق قوتۇر كېسەللىكى ۋە سوزۇلما قۇبا كېسەللىكىگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
قىچىنى سىركەنجىۋىل ۋە كاللەكبەسەي بىلەن خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، خانازىر كېسەللىكىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ ياغ بىلەن جىنسىي ئەزاغا چېپىپ بەرسە، جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدۇ.
قىچىنىڭ ئۇرۇقىدىن بىر گرامنى شاراب بىلەن ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەپ، كۆڭۈلنى ئاچىدۇ.
قىچىنى نان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياكى شاراب بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چىقىرىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قىچا، سويا پۇرچاق، خاسىڭ، كۈنجۈت قاتارلىقلار ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ مايلىق زىرائەت ھېسابلىنىدۇ. قىچا يەنە ئاساسلىق ھەسەل مەنبەسى زىرائەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قىچا چېچەكلىگەن مەزگىلدە ھەسەل ھەرىسى بېقىپ قىچا مەھسۇلاتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە ھەسەل مەھسۇلاتىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.
قىچا كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈل رېتى ئومۇم گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى ئوچۇق سېرىق رەڭدە بولىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلى ئۇزۇن ھەم ھەسەل بېزى تەرەققىي قىلغان. ئۇزۇن مۈڭگۈزسىمان مېۋىسى بولۇپ، ئۇرۇقى شار شەكلىدە بولىدۇ. ماي مىقدارى % 40ئەتراپىدا بولىدۇ.
قىچا مېيى ئېلىمىز خەلقىنىڭ ئاساسلىق ماي يېمەكلىكى بولۇپ، ئىستېمال مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ماي يېمەكلىكلىرى ئىچىدە3 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم تېنىگە زۆرۈر بولغان ئۈچ خىل ماي كىسلاتاسى، يەنى لىنولېئىك كىسلاتا (%12~ 24)، لىنولېنىك كىسلاتا (%1 ~10) ۋە ئاراخىدىك كىسلاتا (% 4.0~ 1) بولغاندىن سىرت، يەنە % 14 ~ 29ئەتراپىدا ئولېئىك كىسلاتا (ماي كىسلاتاسى) بولۇپ، خولېستېرىننىڭ ئىنچىكە ئۈچەيدىكى سۈمۈرۈلۈشىنى تىزگىنلەيدۇ، شۇنداقلا جىگەردىكى خولېستېرىننىڭ پارچىلىنىشى ۋە چىقىرىپ تاشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈنكى، تەركىبىدە تويۇنمىغان ماي كىسلاتالىرى بولغان ئۆسۈملۈك مايلىرى، مەسىلەن، قىچا مېيى، پۇرچاق مېيى، خاسىڭ مېيى، كۆممىقوناق مېيى قاتارلىقلار يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولغاچقا، قىچا كىشىلەر تەرىپىدىن «ساغلاملىق مېيى ئۆسۈملۈكى» دەپ ئاتالغان.
قىچا دۇنيا بويىچە ھىندىستاندا ئەڭ كۆپ تېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسىلا ئېلىمىز ئىككىنچى ئورۇندا، كانادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
قىچا ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەريا ۋادىسىدىكى رايونلارغا كۆپرەك تارقالغان بولۇپ، ئىككى يىللىق زىرائەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ جايلاردا كۆپىنچە كۈز پەسلىدە تېرىلىپ مايسىسى يېتىشتۈرۈلىدۇ، ئىككىنچى يىلى5 - ئاي ئەتراپلىرىدا ھوسۇلى يىغىۋېلىنىدۇ. ئەتىيازدا تېرىپ كۈزدە ھوسۇلى يىغىۋېلىنىدىغان بىر يىللىق قىچا بولسا كۆپىنچە شىنجاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.
قىچىنىڭ كۈنجۈرىسى، قىچا غولى ۋە مېۋە شاكىلى قاتارلىقلار ناھايىتى ياخشى ئورگانىك ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ. قىچا كۈنجۈرىسى تەركىبىدە گەرچە ئاقسىل ۋە ماي مىقدارى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا زەھەرلىك بولغان سىناپىن بولغاچقا، ℃70 تا بىر سائەت دۈملەپ ھوردىغاندىن كېيىن ئاندىن يەم - خەشەك ئورنىدا ئىشلىتىش كېرەك.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
قىچا، سېرىق پۇرچاق، خاسىڭ، كۈنجۈت ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ ئۆسۈملۈك مېيى مەنبەسى. قىچىنىڭ دېنى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدىكى ماي مىقدارى ئىنتايىن كۆپ، ئادەتتە50 پىرسەنتكە يېتىدۇ.
قىچا دېنىدا ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن مول بولۇپ، مايدىن باشقا يەنە يىرىك ئاقسىل، كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار. قىچا مېيى كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك مېيى قىلىنىپلا قالماستىن، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە، كاۋچوك، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلەرنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. مېيى ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى قىچا كۈنجۈرىسى ئەلا سۈپەتلىك ئوغۇت بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكۈزۈش ۋە زەھىرىنى ئايرىش ئارقىلىق ئۇنى ئىنتايىن ياخشى ھايۋانات بوغۇزى قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ دان شاكىلى ۋە سىلىندىرسىمان غولى بىلەن بىۋاسىتە چوشقا بېقىشقا بولىدۇ، جۇڭگو تېبابىتىدە قىچا يەنە ئىنتايىن مۇھىم ئۆسۈملۈك دورىسى قىلىنىدۇ.
يېڭى قىچا چېچىكى يەنە مۇھىم ھەسەل مەنبەسى. ھەسەل ھەرىلىرى قىچىنىڭ شىرنىسىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن قىچىنىڭ مەھسۇلاتى روشەن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىن چىققان ھەسەلنىڭ قىممىتىمۇ قىچا دېنىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
قىچا ئېلىمىزدە2000 يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە، قەدىمكى يېزا ئىگىلىك ئىلمىدە قىچا پەرۋىشىنىڭ دېھقانچىلىق مەزگىلى، ۋاقتى توغرىسىدا ئالاھىدە تەتقىقاتلار بار. مەسىلەن، «تېرىقچىلىق - پىلىچىلىك ئاساسلىرى» دېگەن كىتابتا «قىچىنى9 - ئايدا ۋاقتىدا تېرىش»، «مۇنبەت يەرگە تېرىش، پات - پات سۇغىرىش» كېرەكلىكى، «10 - ئايدا تېرىلسا يىلتىز تارتمايدىغانلىقى» دېيىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە قىشتا كۆپلەپ ئوغۇت بېرىش تەكىتلىنىپ، شۇ يىل ئىچىدە ئوغۇتنى بەرمىگەندە، ئىككىنچى يىلى قىچا ياخشى ئۆسمەيدۇ دەپ قارالغان. بۇنىڭ ناھايىتى ئىلمىي ئاساسى بار.
ھازىر ئېلىمىز ئالىملىرى قىچىدىن قانداق قىلىپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە، تەركىبىدە قىچا كىسلاتاسى تۆۋەن بولغان ئەلا سۈپەتلىك قىچىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سېرىق، ئومۇم گۈل رېتىدە، مېۋىسى قىسقا، مۈڭگۈزلۈك مېۋە، ئۇرۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ. ئادەتتە دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم مايلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.