UyghurMain Dictionary
قاتتىق شاكاللىق مېۋە
بىئولوگىيە
يېپىق مېۋىنىڭ بىر خىلى. مېۋە پوستى قاتتىق بولۇپ يېرىلمايدۇ، ئىچىدە بىر تال ئۇرۇقى بولىدۇ. مەسىلەن، كاشتان ئۇرۇقدىشى، دۇپ دەرىخى ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى قاتتىق شاكاللىق بولۇپ، مېۋە پوستى قاتتىق تاش ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، سىرتىدىكى ياكى ئاستىنقى قىسمىدىكى قاسىراق ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.