UyghurMain Dictionary
قارشىلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قارشى پىكىر، نارازىلىق، ئېتىراز؛
قارشىلىق بىلدۈرمەك، قارشىلىق قوزغىماق.
قارشى ھەرىكەت، ئەكس تەسىر، توسقۇنلۇق.
قارشىلىق قىلماق، قارشىلىق كۆرسەتمەك.* ھەرقانداق بىر يېڭى شەيئى كونىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.
<پەلس> كەسكىن توقۇنۇش بولۇپ ئىپادىلىنىدىغان كۈرەش شەكلى. ئۇ زىددىيەتلەر كۈرىشىنىڭ ھەممە شەكلى ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ بىر خىلى.
<فىز> جىسىمنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچى تەسىر كۈچ.
<فىز> جىسىمنىڭ ئېلېكتر ئېقىمىنىڭ ئۆتۈشىگە بولغان قارشى تەسىرى. جىسىمنىڭ قارشىلىقى ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەسمە يۈزىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، تېمپېراتۇرا ۋە تەركىبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ