UyghurMain Dictionary
قارشى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ساراي، راۋاق، ئوردا؛ ئەمەلدار: قارىمۇ - قارشى، زىت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارىمۇ قارىشى، خىلاپ، تەتۇر.
بىز مىللىي كەمستىشكە قارىشىمز. خىيانەتچىلىك خەلق مەنپەئىتىگە زىت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلار، بەگ - خوجاملار تۇرىدىغان ئالىپتە بىنالار.
گۇگۇڭ ئوردىسى: ئاق ئوردا. خاننىڭ ئوردىسى - ھەرىنىڭ ئۇۋىسى. مۇھەببەت ئاددىي ئۆينى ئوردا قىلار. قىزىل ساراي. قىشلىقى قايان باراي، يازلىقى ساراي سالاي. قارشى ئەھلى بىر - بىرىگە قارشىدۇر. <قىزىل راۋاقتىكى چۈش> تە تەسۋىرلەنگەن <داگۇەنيۈن> قەسىرى فېئوداللارنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
خان ئوردىسى.
1 - 552
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قارشى، ئەكسى، زىت.
تۈن كۈنۈڭ قارشىسى ئول _ تۈن كۈننىڭ قارشىسى ئۇ.
1 - 552
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىككى بەگ ئارىسىدىكى قارىمۇ - قارشىلىق. ئول بەگ ئانىڭ بىرلە قارشى ئول _ ئۇ بەگ ئۇنىڭ بىلەن قارىمۇ - قارشى ئۇ.
1 - 552
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تەرەپدارى ئەمەس، ماقۇللىمايدىغان، ياقلىمايدىغان، قۇۋۋەتلىمەيدىغان؛ نارازى.
بۇ ئىشقا كىم قارشى؟* بۇ تەكلىپكە سىزدىن باشقا قارشى كىشى يوق.
سۈپ. مەيدانى، چۈشەنچىسى، پىكرى، مەقسىتى، مەپكۇرىسى، مەسلىكى ۋە مەنپەئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر - بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان؛ زىت، خىلاپ.
بىر - بىرىگە قارشى تەرەپلەر، ئۆز ئارا قارشى تەرەپلەر، بىر - بىرىگە قارشى گۇرۇھلار.
تىر(يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ) تەتۈرىچە، ئەكسىچە.
ئېھتىمالغا قارشى. بەختكە قارشى.
سۈپ. قارمۇقارشى، روبىرو؛ ئۇدۇل.
كوچىنىڭ قارشى تەرىپى.* ئايگۈل قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتىدۇ.
قارشىسىدا تۇرغان ئادەم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ساراي، ئوردا؛ جەڭ قىلماق