UyghurMain Dictionary
قارىلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆھمەت _ يالا ياساپ چىقىپ، بىراۋنىڭ ئۈستىگە ئارتماق.
تۆھمىتىڭگە تۆھمەت قىلاي، تۆھمىتىڭ ھەيران قالسۇن. بوھتان ئوت، بوھتان چاپلىغاننىمۇ تەڭ كۆيدۈرىدۇ. ئاقنى قارىلىغان_ ئۆزىنى يارىلىغان. قارا چاپلىغان ئېشەك، تاپقىنى كېسەك. يامان نىيەتلىك كىشى بىراۋغا قارا چاپلاي دېسە، ھەر قانداق باھانە _ سەۋەب تاپالمايدۇ. دىلى ھەسەتكە تولغان ئىچى قارا، دائىم پاك ئادەمگە چاپلايدۇ يالا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىراۋنىڭ ئۈستىگە يوق گۇناھنى ئارتماق؛ بىكاردىن - بىكار ئەيىبلىك، گۇناھكار دەپ قارىماق؛ قارا چاپلىماق؛ تۆھمەت قىلماق.
ئۇ مېنى ناھەق قارىلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قارىغا ئالماق، نىشانغا ئالماق، توغرىلىماق، ئۇدۇللىماق، چەنلىمەك، نىشانلىماق.
بىر پىلىموتنى دۈشمەننىڭ پوتىيىگە قارىلاپ قويدۇق.