UyghurMain Dictionary
قارا ئات
دۇنيا تارىخى
ئەسلىدە بەيگە مەيدانىدا قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، بۇرۇن داڭقى چىقمىغان، ئەمما تاساددىپىي ئۈزۈپ چىققان ئاتنى كۆرسەتكەن. كېيىن ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئىككى نامزات تىركىشىپ قېلىپ، قاتمال ۋەزىيەت شەكىللەنگەندە پارتىيە قۇرۇلتىيى قوبۇل قىلالايدىغان باشقا بىر نامزاتنى كۆرسىتىدىغان بولغان. مەسىلەن: 1844 - يىلى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ پۇلك، 1920 - يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ خاردىنگ قاتارلىقلار <قارا ئات> زۇڭتۇڭ دەپ ئاتالغان.