UyghurMain Dictionary
قارام
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
تەۋەككۈلچى.
ئۇ بىر قارام يىگىت، قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
قاراشلىق، ئۆز ئەركىدىن ئايرىلغان.
قارام ئەل. * مەن ئۇنىڭغا قارام بولۇپ قالدىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىل - پاراسەتكە يۆلەنمەي، قارا كۈچكە يۆلىنىپ ئىش كۆرۈپ، يامان ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغان.
«يوغانباش» كۆپىنچە باشباشتاق، ئۆزۈمچىل كىشىگە قارىتىلىدۇ. كېيىنكى ئىككى ئىبارە «قارام» نىڭ تەسۋىرىي كۆرۈنۈشى.
قارامنىڭ ئەقلى- قوتازنىڭ ئەقلى. توم گىرىنى تويغا يولاتما. يوغانباش يۇرت بۇزىدۇ. ئۇ - ئەپلاتوننىڭ زەنجىرىنى ئۈزىدىغان نېمە، ئىشنىپ ئىش تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ، - دەپ ئويلىدى مىرغەزەپ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خەندەك؛ ئېرىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەر قانداق ئىشنى تەۋەككۈلىگە قىلىدىغان؛ تەۋەككۈلچى.
قارام ئادەم. قارام يىگىت.
باتۇر، قورقماس.
ھەر بىر ئىشىدا ئۇ چېچەن، قارام، تۈگىتىپ ئىشنى ئالىدۇ ئارام.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قاراشلىق، تەۋە، قارىمىقىدىكى، قارايدىغان؛ ئەركسىز، بويسۇنىدىغان.
قارام بولماق.