UyghurMain Dictionary
قاراللانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قورالغا ئىگە بولماق، ئېرىشمەك؛ قولىغا قورال ئالماق.
دەريانىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن دانىيارنىڭ كالتەك - توقماق، نەيزە، مىلتىقلار بىلەن قوراللانغان تاغلىق يىگىتلىرى قورشاپ كېلىۋاتاتتى.
تۈرلۈك ئەمگەك قوراللىرى، جابدۇقلىرى بىلەن تەمىن ئېتىلمەك، شۇلارغا ئىگە بولماق، ئېرىشمەك.
چۈشتى ئالىم ياردەمگە، كۈچ قوشۇلدى غەيرەتكە، قوراللىنىپ تاش بىلەن، كەلدى تېزدىن ھەرىكەتكە.
كۆچمە. بىرەر مەقسەتكە يېتىش، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ۋاستىلەرگە ئىگە بولماق، ئۇلارنى بىلىۋالماق، ئۆگەنمەك.
ئىلىم بىلەن قوراللانماق.