UyghurMain Dictionary
قاناتلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قانىتى بار، قانات چىققان.
گىلەملەرنىڭ يەنە بىرىگە قىياپىتى مولۇنغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاناتلىق ئاجايىپ بىر مەخلۇقنىڭ كېيىكنى باسماقداپ يەۋاتقانلىقى كەشتىلەنگەن.
قانىتى بار، قانات بېكىتكەن (ئىشىك قاتارلىقلار ھەققىدە): ھويلىنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكىنىڭ تۇيۇقسىز غاچىلدىشىدىن ئۇنىڭ دىققىتى بۆلۈندى.
كۆچمە. تايانچى، ھىماتى، قوغدىغۇچىسى بار؛ قورقماس.
قارا يورغا بارىدا قاناتلىق ئىدىم، تاغدا كېيىك ياياق بولسا مەن ئاتلىق ئىدىم.