UyghurMain Dictionary
قانال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قېزىپ ئېچىلغان سۇ ئېقىنى. <ئېرىق> كىچىكرەك، <ئۆستەڭ> چوڭراق، ئاسان سۇغىرىش سىستېمىسى. <قانال> چوڭ ۋە چوڭقۇر، ئومۇمەن كېمە - پاراخوت قاتنايدۇ.
قويمۇ، بۆرىمۇ بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ. ئېرىقنى ئويۇپ چاپ، سۇنى ئويناپ تۇت. قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولماق. سۇۋەيش قانىلىنى مىسىر ھۆكۈمىتى 1958 - يىلى كۈزدە ئەنگلىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر قولىدىن قايتۇرۋالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
سۈنئىي ئۇسۇلدا قېزىلغان ۋە كېمە قاتنايدىغان دەريا، ئۆستەڭ.
ئاشلىق توشۇيدىغان كېمىلەر جەنۇب ۋە شىمال ئارىسىدىكى چوڭ قانال ئارقىلىق قاتنايدىكەن.$$ >فىز<
تېلېۋىزور، رادىئولاردىكى يۇقىرى چاستوتىلىق سۈرەت سىگناللىرى ۋە يېرىم ئاۋاز سىگناللىرى بەلگىلىك كەڭلىكنى ئىگىلىگەن چاستوتا بەلۋېغى.
تۆتىنچى قانال. ئالتىنچى قانال.