UyghurMain Dictionary
قاچقۇن
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
جازالىنىشتىن، تۇتقۇنلۇقتىن، تۇتۇلۇشتىن قاچقان.
تۇتقۇن، ئەسىر
قولغا چۈشۈپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان.
قاچقۇنغا شەپقەت يوق، ئازغۇنغا ھۆرمەت. قاچاقتىن يول سورىما. مۇھەببەتكە تۇتقۇن بولساڭ، كۆز يېشىڭ قۇرۇماس. ئەسىرلەرنى خارلىماسلىق - سەككىز دىققەتنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جازا ياكى جازا ئورنىدىن، تۇتقۇنلۇقتىن قېچىپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن كىشى؛ قاچاق.
يوشۇرۇن پوست ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت ھوقۇقىغا بىنائەن قاچقۇنلارغا ئاپتوماتتىن ئوت ئاچتى.
<ھەرب> ئۆز مەيلىچە قىسىمدىن ئايرىلغان ياكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قاچقان ئەسكەر.
- ياق، مەن ئۇ تەرەپكە بارمايمەن، - مەن قاچقۇنمەن.
بۇ شايكىغا قاچقۇن ئەسكەرلەر ۋە كونا ساقچىلارمۇ كېلىپ قوشۇلدى.
ئۆز بۇرچىنى، زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى بېجىرىشتىن باش تارتىپ ياكى بىرەر ۋەھىمىدىن قورقۇپ قاچقان كىشى.
ئۇنىڭ يەككە - يېگانە ئوغلى قاچقۇن - خائىن بولۇپ چىقتى.