UyghurMain Dictionary
قاچماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئەھۋالدىن ئۈچۈن ياكى بىرەر ئىشتىن قورقۇپ بىر يۆنىلىشكە كەتمەك.
«تىكىۋەتمەك»، «بەدەر قاچماق» سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.
قۇيرۇقىنى خادا قىلماق» دا سەلىبىي مەنىدىن باشقا، مەنسىتمەسلىك مەنىسىمۇ بار.
قاچمانمۇ خۇدا دەيدۇ، قوغلىغانمۇ خۇدا دەيدۇ. كالا قاچقاندىن كېيىن قوتان ساپتۇ. ھەيۋەت بىلەن كەلگەن، بىر پەشۋادىن تىكىۋېتەر. دۈشمەن قوشۇنى قاتتىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن بەدەر قاچتى. «ئەكسىيەتچىلەر ئاغدۇرۇلدى، جاھانگىرلار قۇيرۇقىنى خادا قىلىدۇ».
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىرەر ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ياكى بىرەر ئىش - ھەرىكەتتىن قورقۇپ بىر يۆنىلىشكە تېز يۈرۈپ كەتمەك.
قوغلىماق، سۈرمەك
يېنىدىن يىراققا ھەيدىمەك؛ تۇتۇش ئۈچۈن كەينىدىن يۈگۈرمەك.
قاچقۇنمۇ خۇدا دەيدۇ، قوغلىغانمۇ... كىلە قوغلىسا سۇغا قاچ. يىلان قوغلىسا قۇمغا قاچ. تۆگە قوغلىسا تاغقا قاچ. شۇ ئارىدا ئۇ تىكىۋەتتى. دۈشمەن قۇيرۇقىنى خادا قىلسا، سەن قولۇڭغا خادا ئال. دۈشمەننى سۈر، سۈرۈپ توقاي قىل. مەستتىن ساراڭمۇ قاچىدۇ. يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا. بايلىق قاچقاننى قوغلايدۇ، قوغلىغاندىن قاچىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
خەۋپ - خەتەردىن، ۋەھىمىدىن ساقلىنىش ياكى ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش، قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ ئۇلاردىن يىراقلاشماق، باشقا يىراق بىرەر تەرەپكە ماڭماق.
ئىچ مايماقنى ئېلىپ قاچ، تاش مايماقنى تاشلاپ قاچ(ماقال).
ئۆزىنى چەتكە ئالماق، يىراقلاشماق.
ياخشىغا يانداش، ياماندىن قاچ (ماقال).
ئىماملىقتىن قاچ، مەزىنلىكنى تالاش (ماقال).
تۈرمە، سولاق قاتارلىقلاردىن بىلدۈرمەي، يوشۇرۇنچە قۇتۇلۇپ چىقماق.
بۇ كىشى تۈرمىدىن قاچقان كىشىگە ئوخشاپ تۇراتتى.
يىراقلاشماق؛ نېرى كەتمەك.
مەركەزدىن قېچىش كۈچى.
تام سەل قېچىپ قاپتۇ. تىرەك قويۇپ قويۇڭلار.
مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك، ئاجرالماق، ئۆزىنى تارتماق.
ئۇ بارغانسېرى بىزدىن قېچىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى مەنمۇ بىلمەي قالدىم.
مەسئۇلىيەت ياكى شۇ قاتارلىقلارنى تەرك ئەتمەك، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالماق.
- بۇ جاۋاپكارلىقتىن قېچىش، - دېدى قاسىم يەر ئاستىدىن باشلىققا قاراپ غۇدۇراپ.
يوقالماق، يوق بولماق، كەتمەك؛ كېمەيمەك، ئازايماق، دەرىجە تۆۋەنلىمەك.
تاۋى قاچماق. بەرىكىتى قاچماق.
ئاچچىق كەلگەندە، ئەقىل قاچىدۇ(ماقال).
ئاش كەلسە، ئىمان قېچىپتۇ (ماقال).