UyghurMain Dictionary
قابىلىيەتلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتكە ياراملىقلىق، كۈچ - قۇۋۋەت، ئەقىل - پاراسەتتە يېتىكلۈكلۈك.
قابىلىيەتلىك بولاي دېسەك، ئۆگەن! ئىقتىدارلىق ئادەم ھەممە يەردە ئەزىز. ئىستېداتلىق شائىر ئەلنىڭ غۇرۇرى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتكە ياراملىق، كۈچ - قۇۋۋەت، ئەقىل - پاراسەتتە يېتىكلۈك.
قابىلىيەتسىز، ئىقتىدارسىز، ئىستىداتسىز
ئىش - ھەرىكەتتە يارامسىزلىق، كۈچ - قۇۋۋەت، ئەقىل - پاراسەت يېتىشمەسلىك.
قابىلىيەتلىك بولاي دېسەڭ، ئۆگەن. ئىقتىدارلىق ئادەم ھەممە يەردە ئەزىز. ئىقتىدارلىق شائىر ئەلنىڭ غۇرۇرى. قابىلىيەتسىز ئادەم قاراملىققا تايىنىدۇ. ئىقتىدارسىز ئادەم ئۆزىنى قالتىس ھېسابلايدۇ. ئىستىداتسىز شائىر - قىرچاڭغۇ ئات.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قابىلىيىتى، ئىقتىدارى، تالانتى بار؛ قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىقتىدارلىق، قابىل، ياراملىق.
قابىلىيەتلىك ياشلار.