UyghurMain Dictionary
پىئوس
دۇنيا تارىخى
(1792 - 1878) رىم پاپاسى (1846 - 1878). ئەسلى ئىسمى ماسىتاي فېررىت. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1830 - 1832-يىللىرى يەرلىك ئېپىسكوپ بولغان. 1846 - يىلى 6-ئايدا پاپا بولۇپ سايلانغان، لىبېرالىزملىق سىياسەتنى يولغا قويغان، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، سۈرگۈن قىلىنغان ئىلىم - پەن كېڭەشمىسىنىڭ ئەزالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق بەزى مۆتىدىل ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1848-يىلى 2-ئايدا، ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززارسى بىلەن ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان ھەمدە قوشۇن ئەۋەتىپ ئاۋسترىيىگە قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان، بىراق تۇراقسىزلىق قىلغان. 11-ئايدا رىم خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئۆرلىگەندە نىقابلىنىپ نېئاپلغا قېچىپ بېرىپ، ئىككى سىتسىلىيە كورۇلىنىڭ قوغداپ قېلىشىنى تەلەپ قىلغان. 50-يىللىرى لىبېرالىزملىق سىياسەتىن ۋاز كېچىپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ، جېنىنىڭ بارىچە ئىتالىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. 1870-يىلى ئىتالىيە قوشۇنلىرى رىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ۋاتىكانغا چېكىنىپ ئۆزىنى <ۋاتىكان مەھبۇسى> دەپ ئاتىۋېلىپ، ئىتالىيە كورۇللۇقىنىڭ دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل قانۇن - پەرمانلىرىغا قارشى چىققان ھەمدە كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىنى مەنئى قىلغان.