UyghurMain Dictionary
پىپا پاقىسى
بىئولوگىيە
<ئامېرىكا پىپاسى>، <ھەرە كۆنىكى پاقىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قوش ماكانلىقلار سىنىپىنى پىپاسىمانلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون سانتىمېتىر، قارا قوڭۇر، تېنى ياپىلاق، شەكى چار پاقىغا ئوخشاش. تۇمشۇقى سەل ئۇچلۇق، ئاغزىدا تىلى يوق. بارماق ئارىلىقلىرىدا تولۇق ئۈزگۈچ پەردىسى بار. تېنىدە يان سىزىقى بولىدۇ. قۇمچاقلىرىنىڭ قوۋۇرغىسى بار. ئومۇرتقا تەنىسىنىڭ كەينى ئويمان، تۇخۇم سېلىش مەزگىلىدە چىشى پاقىنىڭ دۈمبە تەرىپىنىڭ تېرىسى يۇمشاپ بولۇتسىمان ھالەتكە كېلىدۇ، كلوئاكا بوشلۇقىنىڭ دىۋارى سىرتقا ئۇزىراپ چىقىپ نەيچىسىمان تۇخۇم سېلىش بەلبېغىنى شەكىللەندۈرۈپ ئېگىلىپ دۈمبىسىگە يېتىدۇ؛ ئەركەك پاقا چىشى پاقىنىڭ دۈمبىسىگە چىقىپ تۇخۇم سېلىش بەلبېغىنى بېسىپ تۇخۇملارنى قىسىپ چىقىرىدۇ ۋە ھەرە كۆنىكىسىمان تۆشۈكچىلەرگە كىرگۈزىدۇ ھەم ئۈستىگە مۈڭگۈز ماددا چىقىرىپ يېپىپ قويىدۇ. شۇڭا ھەرە كۆنىكى پاقىسى دەپ ئاتالغان. تۇخۇم كىچىك تۆشۈكچىدە يېتىلىپ قۇمچاق باسقۇچىنى ئۆتكۈزۈپ كىچىك يېتىلگەن تەنىگە ئايلانغاندىن كېيىنلا ئاندىن چىشى تەنىدىن ئايرىلىدۇ. پىپا پاقىسى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى برازىلىيە، گۋىئانا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.