UyghurMain Dictionary
پۈتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەت ئاخىرىغا يەتمەك.
ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس. ئىشلىقنىڭ ئىشى پۈتەر، ئىشسىزنىڭ كۈنى ئۆتەر. قول سېلىپ ئىشلىگىنى _ ئىشنىڭ پۈتكىنى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەغەز، تاختا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر ئۈستىگە خەت چۈشۈرمەك.
يىراقتىكى دوستلارغا خەت يازدىم. بولغان ئىشلارنى پۈتۈپ قويۇش كېرەك. مېيىپلارغا بەرگەن ياردەم پۇلنى خەتلە. بۇ كىنو سىنارىيىسىنى ئۈچەيلەن يازغان، مەن قەلەم تەۋرەتكەن.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئىشەنمەك؛ يازماق؛ تۆشۈكى ئېتىلىپ قالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاخىرىغا يەتمەك، تاماملانماق، تۈگىمەك، ئاياغلاشماق.
تەييارلىق پۈتمەك.
پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما، ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا (ماقال).
تەييار بولماق.
كىيىم پۈتمەك.
كۆپچىلىكنىڭ جان پىدالىق بىلەن ئىشلىشى ئارقىلىق قۇرۇلۇش مۆلچەرلىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يازماق، خاتىرىلىمەك.
ئامان شاھ ئۆز شەھىرىگە قايتقاندىن كېيىن، دەرھال بىر پۈتۈك پۈتۈپ ئەلچىلەرگە تۇتقۇزۇپ يولغا ساپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىچىدىكى بوشلۇق تىنىپ كەتمەك، تۆشۈكى ئېتىلىپ قالماق؛ پۈتەي ھالەتكە كەلمەك.
يىڭنىنىڭ تۆشۈكى پۈتۈپ قاپتۇ.
بوغۇلماق، گاراڭ بولۇپ قالماق.
ئۇنىڭ قۇلىقى پۈتۈپ قاپتۇ.
ناخشىچى قىزنىڭ ئاۋازى بىرئاز پۈتۈپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىشەنمەك.
باشقىلارنىڭ سۆزىگە چىن پۈتمەك.