UyghurMain Dictionary
پۈتكۈزمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تاماملىماق، پۈتكۈزمەك:
ماڭا مۇشكىل سېنىڭ ئالدىڭدا ئاسان،
ئىشىم پۈتكۈرمەسەڭ مەندە نەئىمكان.
موللا پازى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<پۈتمەك Ⅰ> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
بۇ سۆھبەت بولۇپ ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا، سۇلايمان ئۆزىنىڭ ماقالىسىنى يېزىپ پۈتكۈزدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<پۈتمەك Ⅱ> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ناھايىتى خۇشال بولغان پادىشاھ لەشكىرى مىرزىنى ئالدىغا چاقىرتىپ تىلخەت پۈتكۈزۈپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<پۈتمەك Ⅲ> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئۇنىڭ بەرگەن دورىسى بۇرنۇمنى پۈتكۈزۈپ قويدى.