UyghurMain Dictionary
پىتۇئىترىن
بىئولوگىيە
<گىپوفىزگورمونلىرى> ياكى <مېڭە ئاستى بېزى گورمونلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ گىپوفىز بېزى ئاجراتقان گورمونلارنىڭ ئومۇمىي نامى. پىتۇئىترىتلار مېڭە گىپوفىزى ۋە بەزسىمان گىپوفىز (گىپوفىز ئاستى ياپرىقى) دىن چىققان گورمونلار بولۇپ، بۇ ئىككى قىسىمنىڭ تۆرەلمىلىك كېلىش مەنبەسى ۋە تۈزۈلۈشى ئوخشىمىغاچقا ئىككى گورمونلارنىڭمۇ فۇنكسىيىسى ئوخشاشمايدۇ. نېرۋا گىپوفىزى چىقارغان گورمونلار ئاستىنقى دۆڭچە مېڭىنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدىن كېلىدۇ، نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ ئوق ئۆسۈكچىسى گىپوفىز ساپاقچىسىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇل نېرۋا گىپوفىزىغا بارىدۇ، ئۇنىڭ ئاجراتقان گورمونلىرى ئوق ئۆسۈكچىسىنى بويلاپ نېرۋا گىپوفىزىغا كىرىدۇ ھەم شۇ يەردە زاپاس ساقلىنىدۇ. نېرۋا قوزغىلىشى ئاخىرقى ئۇچلارغا يېتىپ بارغاندا ئاندىن قانغا چىقىرىلىدۇ. شۇڭا نېرۋا گىپوفىزىنىڭ پەقەت گورمونلارنى ساقلاش ۋە قويۇپ بېرىش رولىلا بولۇپ، ئاجرىتىش رولى بولمايدۇ. بەزسىمان گىپوفىز بولسا، گورمونلارنى ھاسىل قىلىش، زاپاس ساقلاش ۋە قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، كۆپ خىل گورمونلارنى ئاجرىتىپ ئورگانىزمنىڭ ئۆسۈش، يېتىلىش، كۆپىيىش قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك جەريانىلىرىدا تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ ئاجرىتىپ چىقارغان تىروتروپىن، كورتىكولىبېرىن، تۇخۇم پۈۋەكچىسى سىتىمۇلىنى ۋە پروگېستېرونلار ئومۇملاشتۇرۇپ ستىمۇلىنلار دەپ ئاتىلىدۇ. ستمۇلىنلار ماس بولغان نىشان بەزىلىرىنىڭ گورمون سېنتېزلاش ۋە ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نىشان بەزلەرنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ساقلاپ داۋاملاشتۇرىدۇ. مەلۇم خىل ستىمۇلىن كەمچىل بولسا، ماس بولغان نىشان بەز يىگىلەپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نىشان بەزلەر ئاجراتقان گورمونلار ئايلىنىپ كېلىپ بەزسىمان گىپوفىزنىڭ ماس ستىمۇلىننىڭ ئاجرىلىشىنى تورمۇزلاپ تەتۈر قايتۇرمىلىق رول مەيدانغا كېلىدۇ. مەسىلەن، تىروتروپىن قالقان بېزىنىڭ تىروكسىن سىنتېزلىشى ۋە ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ تىروكسىن كۆپەيگەندە بولسا، ئايلىنىپ كېلىپ بەزسىمان گىپوفىزنىڭ تىروتروپىن ئاجرىلىشىنى تورمۇزلاپ، شۇ ئارقىلىق قالقان بېزى ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا بەزسىمان گىپوفىز بېزى ئاجراتقان ستىمۇلىنلار بىلەن ھەرقايسى نىشان بەزلەر ئاجراتقان گورمونلارنىڭ ئۆزئارا رولى، ستىمۇلىنلار بىلەن ھەرقايسى نىشان بەزلىرى ئاجراتقان ماس گورمونلارنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.