UyghurMain Dictionary
پىتنىخور
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دائىم پىتنە - پاسات، ئىغۋا تېرىپ يۈرىدىغان كىشى.
پىتنىخور تىرناقتىن تۈك ئۈندۈرەر. ئىغۋاگەرنىڭ سۆزى يامان، سۆزدىنمۇ ئۆزى يامان. ئۆسەكچى ئۆزى ئازابلىنار. پىسقى - پاساتچى ئاخىرى پاسات بولار. كۆيدۈرگەن خەقنى كۆيدۈرىدۇ. ئۆزىنى كۈل قىلىدۇ. ئوتقۇيرۇقى دۈشمەندىن يامان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پىتنە قىلىشقا ئادەتلەنگەن، پىتنە پەيدا قىلغۇچى؛ پىتنە تارقاتقۇچى.
پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان (ماقال).