Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېتتىي
دۇنيا تارىخى
配第
pèi dì
(1623 1687) ئەنگلىيە كلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى، ستاتىستىكاشۇناسى، دوختۇر. خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. 1652-يىلى ئىرلاندىيە يىراققا يۈرۈش ئەسكەرلىرىنىڭ دوختۇرى بولغان. 1654-يىلى كرومۋېلنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىرلاندىيىلىكلەرنىڭ يەر -مۈلۈك ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلاپ چىققان. كېيىن چارلېس Ⅱ نى ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان. 1662-يىلى سېر دېگەن مەرتىۋىگە ئىگە بولغان، ئىرلاندىيىنىڭ يەر - مۈلۈك باش تەپتىش بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىرلاندىيىنىڭ تەپسىلىي خەرىتىسىنى ئىشلەپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسىي مۇۋەپپەقىيىتى - يېڭى ئىقتىساد ئىلمىنى كەشپ قىلغان. ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئوبوروت ساھەسىدىن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە كېڭەيتكەن. ئەمگەك قىممىتى نەزەرىيىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئەمگەك ۋاقتى تاۋارنىڭ تەبىئىي باھاسىنى (بۇ ئەمەلىيەتتە قىممەتنى كۆرسىتىدۇ) بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىغان. بىراق قىممەت بىلەن باھانى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇ يەنە يەر ئىجارىسى ۋە قوشۇمچە قىممەتنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەم ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ <باج ھەققىدە>، <ئىرلاندىيە سىياسىيىسىنىڭ ئىچ - باغرىنى يېرىپ كۆرۈش> قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.