Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېترا
دۇنيا تارىخى
佩特拉
pèi tè lá
ناپاتا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. گرېكچە <تاش> دېگەن مەنىدە، ئىئوردانىيىدىكى ئاممانغا غەربىي جەنۇبتىن 200 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا. <تەۋرات> تا <سېللا> دەپ ئاتالغان، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىنتايىن روناق تاپقان. مىلادى 106 - يىلى رىم ترويان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، Ⅶ ئەسىردە تاشلىنىپ قالغان. 1812 - يىلى خارابىسى تېپىلغان. جىلغا ئىچىدىكى تاغ باغرىغا يانداش جايغاتاغ ئۆڭكۈر، ئوردا، خەزىنە، ئەسكەرلەر قەبرىسى قاتارلىقلار ئويۇپ ياسالغان. جىلغىنىڭ ئۇ بېشىدىكى ئوچۇقچىلىق جايدا ئىبادەتخانا، ئوردا، ھاممام ۋە تۇرار جاي بار. يەنە تاشتىن قېزىپ چىقىلغان ئۆستەڭ، يازلىق تىياتىرخانا بار. شەرق شىمالىي قىسمىدىكى تاغ چوققىسىغا چىرايلىق تاش غارلار ئويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر غارنىڭ كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، ئالدى تەرىپى رىم ئوردىسىنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا تەقلىدقىلىنغان. بۇ ئۆتكەن دەۋرلەر پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىئوردانىيە ئارخېئولوگىيە ئىدارىسى بۇ جاينى قازغان.
تارىخ
别忒拉
bié tè lāDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
彼得拉
bǐ dé lāDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
派特拉
pài tè láDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
佩特拉
pèi tè lá