Uyghur←ChineseMain Dictionary
پرامىدا سىستېمىسى
بىئولوگىيە
锥体系统
zhuītǐxìtǒng
چوڭ مېڭە پوستلىقىدىن چىققان تالالارنىڭ ئۇزۇنچاق مېڭە پىرامىداسىنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ يۇلۇنغا بارىدىغان نېرۋا ئالاقە (باغلىنىش) يولى (يەنى پرامىدا باغلىمى ياكى پوستلاق قەۋەت يۇلۇن باغلىمى) نى كۆرسىتىدۇ. بۇ يول تۆۋەنلەپ مېڭە غولىغا بارغاندا بىر قىسىم تالالار ئۇدۇل ياندىكى مۇناسىۋەتلىك مېڭە نېرۋىسىنىڭ ھەرىكەت يادروسىدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇرۇن پرامىدا سىستېمىسى ئاساسەن مەركىزىي ئالدىنقى پۈرمە (بۈدرە) (تۆت رايون) دىن كەلگەن دەپ تونۇلغان. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە مەركىزىي ئالدىنقى پۈرمىدىن باشقا يەنە گەۋدە سەزگۈ رايونىنىڭ مەركىزىي كېيىنكى پۈرمىسى ھەممىدە ماڭلاي ياپراقچىسى قاتارلىق پوستلاق ماددىسى كەڭ رايونلار بولىدۇ. بۇ رايونلار چىقارغان تالالار مۇشۇ يەتكۈزۈش سىستېمىسىدىن ئۆتۈپ قارشى تەرەپ گەۋدىسىنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇپ، بولۇپمۇ نازۇك ھەرىكەت مۇسكۇللىرىنى ئىدار قىلىپ مۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى مۇۋاپىق سىجىللىقتا ساقلايدۇ ۋە پائالىيىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئادەمسىمان مايمۇننىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقى ئالدىنقى مەركىزىي پۈرمىسىنى باشقا رايونلارنى زەخىملەندۈرمەي كېسىپ ئېلىۋەتكەندە مۇسكۇل جىددىيلىكى پەسىيىش، ئىختىيارىي ھەرىكەتلەر يوقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئىختىيارىي ھەرىكەتلەر كېيىن قىسمەن ھالدا تەدرىقىي ئەسلىگە كېلىدۇ. گەۋدىگە يېقىن بوغۇملارنىڭ ھەرىكىتى مەسىلەن، مۈرە، تاغاق بوغۇملىرىنىڭ ھەرىكىتى ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ، بۇغۇملارنىڭ نازۇك ھەرىكەتلىرى ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ.
ئاناتومىيە
锥体系
zhuī tǐ xì