Uyghur←ChineseMain Dictionary
پرامىدادىن تاشقى سىستېما
بىئولوگىيە
锥体外系统
zhuītǐwàixìtǒng
چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ بەدەننىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەشتىكى پىرامىدا سىستېمىسىدىن باشقا يەنە بىر ئۆتكۈزۈش سىستېمىسى. ئۇ چوڭ مېڭە پوستلىقىدىن چىققان نېرۋا تالالىرىنىڭ ئۇزۇنچاق مېڭە پىرامىداسىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇل يۇلۇنغا بارماي سىزىقسىمان تەنە مېڭە غولىنىڭ تورسىمان تۈزۈلۈشى ۋە كىچىك مېڭە قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئۆتۈپ كۆپ قېتىم نېۋرون ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن يۇلۇننىڭ ھەرىكەت نېۋرونىغا يېتىپ بېرىپ بەدەننىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ يەتكۈزۈش يولى پىرامىدا سىستېمىسىغا قارىغاندا مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسەن ئىككى يولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ (1) چوڭ مېڭە پوستلىقى سىزىقسىمان تەنە يولى. پوستلاق قەۋىتى - چىقارغان تالالار سىزىقسىمان تەنىگە كىرىدۇ، ئاندىن ئوتتۇرا مېڭىنىڭ قىزىل يادروسى، قارا ماددىسى، مېڭە غولى تورسىمان تۈزۈلۈشى قاتارلىقلارغا باغلىنىپ ئاخىرىدا يۇلۇننىڭ ھەرىكەت نېۋرونىغا بارىدۇ. (2) چوڭ مېڭە پوستلىقى - كىچىك مېڭە يولى. چوڭ مېڭە پوستلىقىدىن چىققان تالالار كىچىك مېڭىگە بارىدۇ، كىچىك مېڭىمۇ تالا چىقىرىپ چوڭ مېڭە پوستلىقىغا (چوڭ مېڭە - كىچىك مېڭىنىڭ قايتىش يولىنى شەكىللەندۈرىدۇ) ۋە يولۇنغا بارىدۇ. ھەرىكەتلەنگەندە بىر تەرەپتىن ئىمپۇللار چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ ھەرىكەت رايونىدىن مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇللار ۋە كىچىك مېڭىگە بارىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسكۇللارنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىمۇ كىچىك مېڭىگە ئىنكاس قىلىنىپ ئاندىن يەنە چوڭ مېڭە پوستلىقىغا يەتكۈزۈلۈپ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ پائالىيىتىگە تەتۈر باغلىنىشلىق ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە مۇسكۇللار گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ. لېكىن پرامىدادىن تاشقى سىستېمىنىڭ خىزمىتى ھەققىدىكى بىلىملەر ھازىرچە تېخى ناھايىتى ئاز.