UyghurMain Dictionary
پوزىتسىيە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە باشقا ئىجتىمائىي گۇرۇھنىڭ تۇرمۇشتا تۇتقان ئورنى.
<تۇرغۇ> مەسىلىنى كۆزەتكەن ۋە ئۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقارغاندا تۇرغان ئورۇن.
<پوزىتسىيە> ئىش - ھەرىكەتكە تۇتقان قاراش ۋە ھەرىكەت.
كۇلۇمبىيە گېزىتى <كۆزەتكۈچىلەر> ماقالە بېسىپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش توغرىسىدىكى مەيدانىنى مەدھىيلىگەن. جىددىي ئۆزگىرىش پەيتىدە ھەر كىم ئۆز مەۋقەسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بەلگىلىشى لازىم. ھەر كىم ئۆز تۇرغۇسىدىن سۆزلەيدۇ. ھەر قانداق ئىشقا دۇچ كەلسەڭ، پوزىتسىيەڭ ئېنىق بولسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ تۇتقان ئورنى، ئىشغال قىلىپ تۇرغان جايى، مەۋقەسى، ۋەزىيىتى.
تاڭ بىلەن بىزنىڭ قىسىملىرىمىز دۈشمەن پوزىتسىيىلىرىگە ھۇجۇم باشلىدى.
كۆچمە. بىرەر مەسىلىگە قارىتا تۇتۇلغان يول، نۇقتىئىنەزەر.
ئۆگىنىشتىكى ئاڭلىقلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيىسى بىلەن ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.