UyghurMain Dictionary
پوست
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قاراۋۇل.
پوست قويماق. * پوستتا تۇرماق. * پوستقا چىقماق. * پوستتىن چۈشمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۈستىدىكى بىر قەۋەت توقۇلما.
بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر. ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، پىياز تىقار پوستۇڭغا. ئەخمەقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەل - دەرەخ، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ ئۈستىدىكى بىر قات توقۇلما.
تېرىقنىڭ شاكىلى تېرىقچە يوق. پىيازنىڭ پوستى تولا، ئەخمەقنىڭ دوستى تولا. زەھەرلىك يىلاننىڭ قاسرىقى ئالا. ئۇ ئاناناس شۆپۈكىدىن ئايلىنىپ ئۆتتى. تاۋۇز شاپىقىدىن تېيىلىپ يىقىلغان. شاپاق - شالتاقنى يە، كۆتۈرمە. قارىغايغا قوۋزىقىغا قاراپ باھا بەرمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جەمئىيەت، ئىدارىلەرنى قوغداش ئۈچۈن قويۇلغان مەخسۇم خادىم.
«پاترول»، «پوست» لار ھەربىي قوشۇنغا ئائىت ياكى قوراللىق ساقچىلاردىن بولىدۇ.
«پاششاپ»، «مىرشەپ» لەر كېچىلىك كۆزەتچىلىكنى ئاتقۇرغۇچى.
ياماندىن قاراۋۇل قويساڭ، ئوغرىغا يول ئوچۇق. پاترۇللار ھەربىي ئىنتىزامنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. پوست ھوشيار بولسا، خەۋپ ئاز بولىدۇ. ئاغزىنى ئاچمايدىغان ئىت ياخشى كۆزەتچى بولالماس. جېسەكچى ئۈچ جىڭغا جاڭ چالدى. پاششاپ پايدىغا ئامراق. مىرشەپ تۈننىڭ ئەمىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دەرەخ، مېۋە، كۆكتات، دان قاتارلىقلارنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغان قەۋىتى.
ئەخمەقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى تولا (ماقال).
ئادەم ۋە جانىۋارلارنىڭ بەدىنىنى ئوراپ تۇرغان نېپىز توقۇلما، تېرە ئۈستىدىكى يۇپقا پەردە.
ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا (ماقال).
يەرنىڭ ئۈستى قەۋىتى.
يەر پوستى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<فرانسوزچە
ھەربىي
ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشقان جاي، ئىدارە - جەمئىيەت ۋە باشقا مۇھىم جايلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئەسكەر، قاراۋۇل.
پوستتا تۇرماق.