UyghurMain Dictionary
پىندەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بويى پەس، بويى ئېگىز ئەمەس.
«پىستەك» ، «پىندەك»لەر سەلبىي تۈسكە ئىگە.
«پارپا» ، «جەدىۋار» لار ئادەتتىن تاشقىرى، «پاكار»غا ئېيتىلىدۇ.
ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقار. پەتەك بولغان بىلەن پەمى بار. پاكىنەك پەيتى كەلسە دارازىنى يېڭەر. پىستەك دېمەڭ بىزنى، قايرىپ سۆيىمىز سىزنى. پىندەك بالا پىنەك چېكىدىكەن. پارپائىشىكتىن ئېگىلىپ كىرەر. «ئىلى مەشرىپى» دە ئىككى جەدىۋار سۆز ئويۇنى قىلىشتى .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پاكار، پەتەك.
ئۇ ماڭا ئۆزىگە بوي تۇرقى تەڭ ياكى چوڭراق بالىلاردىن بىرەرنى بەلگىلىمەي، سىنىپ بويىچە ھەممىدىن كىچىك بىر <پىندەك> نى بەلگىلەپ قويۇشقانلىقىغا خاپا بولاتتى.