UyghurMain Dictionary
پىل يىلى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
رىۋايەت قىلىنىشىچە، يەمەننى ئىشغال قىلغان ھەبەشستان (ھازىرقى ئېفىئوپىيە) نىڭ باش ۋالىسى ئابراھا پىلگە مىنگەن قوشۇننى باشلاپ كەبىنى ۋەيران قىلىش نىيىتىدە مەككىگە ماڭغان. <قۇرئان كەرىم> دە خاتىرىلىنىشىچە، مەككىگە يېقىنلاشقاندا قوشۇن قۇشلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. <قۇشلار ئۇلارغا ساپال، تاشلارنى ئېتىپ، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندە قىلىۋەتتى.> (105 - سۈرىنىڭ 4 -، 5 - ئايەتلىرى). تارىخىي كىتابلاردا ۋابا تارقىلىپ كەتكەنلىكتىن پىللىق قوشۇن تارمار بولغان، دەپ قارىلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە بۇ قوشۇن <پىل ئىگىلىرى> دەپ ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمان تارىخچىلىرى بۇ يىلنى پىل يىلى دەپ ئاتايدۇ. مىلادىيىنىڭ 570 - يىلى ياكى 571 - يىلى دەپ قارايدۇ. شۇ يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەنىكەن.