UyghurMain Dictionary
پېكچى
دۇنيا تارىخى
چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى قەدىمكى دۆلەت. دەسلەپتە ماخانلار ئىچىدىكى پېكچى قەبىلىسى قۇرۇپ چىققان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ دەسلەپكى بوۋىسى ۋېنزۇئو كوگۇريونى قۇرغۇچى جۇمېڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بولۇپ، ئۇ مىلادىدىن 18 يىل ئىلگىرى جەنۇبقا بېرىپ خان گاڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى ماخانلارنىڭ پېكچى قەبلىسىنى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دەسلەپتە ۋېيلى شەھىرى (ھاىرقى خان - گاڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى كاتتون ئەتراپى) نى پايتەخت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بارا - بارا ماخانلارنىڭ كۆپلىگەن قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن. مىلادى 260-يىلى مەركىزىي دۆلەت ئورگىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن. 313-يىلى دەي فاڭ ۋىلايىتى رايونىنى بىرلەشتۈرۈپ، كوگۇريو ۋەسىللا بىلەن تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ، تارىختا ئۈچ دۆلەت دەۋرى دەپ ئاتالغان. 371-يىلى، پادىشاھ جىن شياۋگۇ (346 - 537) ياپونىيىنڭ قوللىشى بىلەن شىمالدىن كوگۇريوغا ھۇجۇم قىلىپ، پىخېنياننى ئىشغال قىلىپ، سابىق پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، شۇ يىلى پايتەختنى خانسەن شەھىرى (ھازىرقى كيوڭگى - دوكانتون) گە يۆتكەپ كەلگەن. 639 - يىلى كوگۇريونى پادىشاھى كۋاڭگا ئېتئونىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، خان - گاڭنىڭ شىمالىدىكى جايلاردىن ئايرىلىپ قالغان. 475-يىلى خانسەن شەھىرى كوگۇريونىڭ پادىشاھى چاڭشۇ ۋاڭىڭ قوشۇن باشلاپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن قولدىن كېتىپ، گەيلۇۋاڭ فۇيۇچىڭ ئۆلتۈرۈلگەن، ۋېنجۇۋاڭ پايتەختنى شۇڭجىن (ھازىرقى چۇڭچوڭ - نامدوگوڭجۇ) غا كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا جەنۇب ۋە شەرققە قاراپ كېڭەيگەن. 538 ـ يىلى دانىشمەن پادىشاھ پايتەختنى سىبى (يەنە بىر ئىسمى سوفۇلى، ھازىرقى چۇڭچوڭ - نامدوفۇيۇ) غا يۆتكەپ، دۆلەت نامىنى جەنۇبىي پۇيۈككە ئۆزگەرتكەن. يەنە سىلا بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، شىمالدىن كوگۇريوغا ھۇجۇم قىلىپ، خان - گاڭ ۋادىسىدىكى ئالتە ۋىلايەتنى قايتۇرۇۋالغان، ئۇزۇن ئۆتمەي سىللا تارتىۋالغان، 554-يىلى سىللادىن مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، پېكچى كوگۇريو بىلەن بىرلىشىپ، يەنە ياپونىيە ئوۋا خاندانلىقىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ سىللا بىلەن قارشىلاشقان. 660-يىلى سىللانىڭ پادىشاھى تەيزۇڭ ۋۇلىۋاڭنىڭ جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ قىلغان ھۇجۇمى ئارقىسىدا ھالاك بولغان. خان جەمەتى فۇيۈفېڭ پېشقەدەم ۋەزىر فۇيۇشىن قاتارلىقلار دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئورۇنۇپ باققان بولسىمۇ، 663-يىلى بەيسۇن دەرياسى ئېغىزىدىكى ئۇرۇشتا سىللانىڭ پادىشاھى ۋېنۋۇۋاڭنىڭ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ قىلغان ھۇجۇمى ئارقىسىدا تارمار قىلىنغان، تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى چېكىنگەندىن كېيىن، پېكچىنىڭ بۇرۇنقى يەرلىرى 670-يىلى سىللاغا قوشۇۋېلىنغان