UyghurMain Dictionary
پەرەڭ
شىۋىلەر
قېنىق قىزىل. مەسىلەن:پەرەڭ ياغلىق _ قىزىل ياغلىق.
دۇنيا تارىخى
جوڭگو كىتابلىرىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى (شەرقىي رىم ئىمپېرىسىيى)نىڭ ئاتىلىشى. <كونا تاڭنامە. پەرەڭ تەزكىرىسى>دە: <پەرەڭ، يەنە بىر نامى داكچىن، ئۇغەربىي دېڭىزنىڭ يۇقىرىسىدا، شەرقىي جەنۇبىي پېرسىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. يېرى 10000 چاقىرىمدىن ئارتۇق. 400 شەھىرى بولۇپ، بىر - بىرى بىلەن تۇتىشىدۇ> دەپ خاتىرىلەنگەن (<كونا تاڭنامە> 198 - جىلد). تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە يېزىلغان <خۇيچاۋنىڭ بەش ئەنەتكەككە بېرىش خاتىرىسى> دا: چوڭ ۋە كىچىك پەرەڭ بار: <كىچىك پەرەڭ دۆلىتى دېڭىزنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ نېرىسىدا چوڭ پەرەڭ دۆلىتى بار> دەپ خاتىرىلەنگەن (<دۇنخۇاڭدا قېپقالغان كىتاب> بىرىنچى توپلام). ئۇنىڭدا كىچىك ئاسىيا كىچىك پەرەڭ، كونىستانتىنوپول ئەتراپى چوڭ پەرەڭ دېيىلگەندەك قىلىدۇ. يەنە <سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. پەرەڭ تەزكىرىسى> دە پەرەڭ سالجۇق تۈركلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى كىچىك ئاسىيا ئەتراپىدىكى جايلارنى كۆرسىتىدۇ، دېيىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. فرانسىيىلىك؛ فرانسۇز؛ غەربلىك.
بوۋاي: - بۇ مېھمانلار ئامېرىكىدىن كېلەمدۇ، پەرەڭدىن كېلەمدۇ بىزنىڭ كارىمىز يوق، لېكىن ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ ناخشىنى قانداق پەيزى ئېيتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالسۇن! - دېدى.
سۈپ. فرانسىيىدە، ياۋروپادا، غەربتە تەييارلانغان ياكى كەلتۈرۈلگەن.
پەرەڭ مىلتىق.
سۈپ.
كۆچمە. ھەرقانداق ئىش قولىدىن كېلىدىغان؛ چېۋەر، ماھىر، ئۇستا.
ئۇ قولى گۈل، پەرەڭ ئادەم.
سۈپ. كۆچمە. قىپقىزىل، قېنىق قىزىل.
پەرەڭ ياغلىق.