UyghurMain Dictionary
پەردازلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىرايلىق نەرسىلەر بىلەن ھۆسنىگە ھۆسن قوشماق، پەرداز بۇيۇملىرى بىلەن يۈز - كۆزىنى بويىماق.
گۈزەل ئەخلاق ئادەمنى بېزەر، بايلىق پەقەت ئۆينىلا. بوياق بىلەن زىننەتلىگۈچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن تولدۇر ئىچىڭنى. كېسەل كۆرسەتكەندە يۈزىڭىزنى پەردازلىماڭ، دوختۇرنىڭ چىرايىڭىزغا قاراپ دىئاگنوز قويۇشىغا دەخلى يېتىدۇ. يۇيۇنۇپ چىقىپلا پەرداز قىلماڭ، زىيانلىق. تاز جابدۇغۇچە توي تاراپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پەرداز بەرمەك، گىرىم قىلماق. چىرايلىق قىلماق.
مەلىكە بۇ قېتىمقى زىياپەت ئۈچۈن غىزا تەييارلاپ، كىيىم يەڭگۈشلەپ ئۆزى باشقا بىر خىل پەردازلاپتۇ.
كۆچمە. ناچار تەرىپىنىمۇ ياخشى دېمەك.
مەن ئىمكانلا تېپىلسا ئۇلارنى يوق ئۇتۇقلار بىلەن پەردازلاپ بولۇشىچە ماختىدىم.