UyghurMain Dictionary
پەرداز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
باشقا سۆزلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ قىلغۇچى، ئەتكۈچى، ئۇستا دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
باشقا سۆزلەرگە قوشۇلۇپ، <بىر ئىشنى قىلغۇچى، ئۇستا> دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ: نۇكتە پەرداز - گۈزەل سۆز ئۇستىسى؛ كىنە پەرداز - ئاداۋەت ساقلىغۇچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
نەرسىلەرنىڭ سىرتىنى بوياش، سىلىقلاش يوللىرى بىلەن چىرايلىق، كۆركەم قىلىش.
پەرداز قىلماق. پەرداز بەرمەك. پەردىزى ياخشى بۇيۇم.
ھۆسن تۈزەش ياكى سۈنئىي گۈزەللىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئوسما، خېنە، ئۇپا - ئەڭلىك سۈرتۈش ئىشى.
ئۇ ئۆزى كىچىك بولسىمۇ داۋاملىق پەرداز قىلىپ يۈرىدىغان بالا بوپتۇ.
گىرىم ۋە شۇنداق زىبۇ زىننەتنىڭ ئۆزى.
شەرىپە بۈگۈن ئۇنىڭدىن ھاراقتىن باشقا ئاياللارنىڭ پەرداز مېيىنىڭ پۇرىقىمۇ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ گۇمانلاندى.