Chinese→UyghurMain Dictionary
胚
ئۇنىۋېرسال
pēi
ئۈندۈرمە، بىخ
ئېمبرىئون، تۆرەلمە
ئىشنىڭ باشلىنىشى، بىخ
چالا مەھسۇلات، پىششىقلاشتىن ئۆتمىگەن مەھسۇلات
ھامىلە، ھامىلە ۋاقتىدىكى
Dتېببىي
pēi
تۆرەلمە، ئېمبرىئونDئۆسۈملۈك
pēi
تۆرەلمەDئورمانچىلىق
pēi
تۆۋەلمەDدېھقانچىلىق
pēi
تۆرەلمەDباغۋەنچىلىك
pēi
تۆرەلمە
بىئولوگىيە
تۆرەلمە
يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۇخۇمدېنى ياكى ئۇرۇقىدىكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزۈلۈش، شۇنداقلا يېڭى بىر ئەۋلاد سپوروفىتنىڭ ئىپتىدائىي تەنچىسى. بەزى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمى، ياردەمچى ھۈجەيرىسى ياكى تەتۈر پۇت ھۈجەيرىسىمۇ يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ. تۈگۈن مەركىزى ۋە تۈگۈن يېپىنچىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ھۈجەيرىلەرمۇ يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ، بۇنداق ھاسىل بولغان تۆرەلمە تۇراقسىز تۆرەلمە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ ھەر قايسى قىسىمىدىكى ھايات ھۈجەيرىلەر تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا تۆرەلمىسىمان تۈزۈلۈشنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ تۆرەلمىسىمان تەن دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمىسى ئىككى قۇتۇپلۇق (يىلتىز قۇتۇپى ۋە بىخ قۇتۇپى) تۈزۈلۈش بولۇپ، ئادەتتە تۆرەلمە بىخ، تۆرەلمە يىلتىز، تۆۋەنكى تۆرەلمە ئوق، پەللە يوپۇرماق قاتارلىق تۆت قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاز ساندىكى ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، ئادەمگىياھ، مامۇرانچېن، سوغۇگۈل قاتارلىقلار) نىڭ ئۇرۇقى يېتىلگەن ۋاقتىدا تۆرەلمىسى تېخى تولۇق يېتىلمەيدۇ ۋە يۇقىرىقى بىر قانچە قىسىمغا دىففېرېنسىيىلەنمەيدۇ. مۇخ ۋە پاپورتىنىكلارنىڭ تۆرەلمە تۈزۈلۈشىنى بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغاچقا ئۇلاردا يۇقىرىقى قىسىملار بولمايدۇ.