Chinese→UyghurMain Dictionary
胚乳培养
بىئولوگىيە
تۆرەلمە سۈتىنى ئۆستۈرۈش
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە سۈتىنى تەندىن ئايرىلغان شارائىتتا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. يېتىلگەن ياكى يېتىلمىگەن تۆرەلمە سۈتىنى ئايرىۋېلىپ ئۆستۈرگۈچتە ئۆستۈرۈپ جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما ياكى تۆرەلمىسىمان تەن ھاسىل قىلىپ يەنە قايتا ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ھازىر كۆپ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ تۆرەلمە سۈتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۈستى ۋە دىففېرېنسىيىلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئارپا، شال، ئالما، قاپاق، ئاپېلىسىن، جۇڭگو ئاپېلىسىى، ياڭيۇ قاتارلىقلارنىڭ تۆرەلمە سۈتى ئىندۇكسىيلىنىپ ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلاندۇرۇلدى. تۆرەلمە سۈتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ نەزەرىيىۋى تەتقىقات قىممىتى بولۇشتىن باشقا، يەنە ئۇ مەقسەتلىك ھالدا ئۈچ ھەسسىلىك ئۆسۈملۈك تۈپىنى ئىندۇكسىيىلەپ ئۇرۇقسىز مېۋە بېرىدىغان سورت سىستېمىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.