UyghurMain Dictionary
پاخال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارپا - بۇغداي، شاللار تېپىلىپ، دېنى ئېلىۋېلىنغاندىن كېيىن قالغان شېخى. كۆچمە مەنىدە: كۆپ. قىممىتى، ئەتىۋارى يوق.
سامان نەرخى. ساماننىڭ ئاستى ئالتۇن. مەڭگەننىڭ كۆشۈكى بىر پۇل. قەيەرگە يىقىلىشنى بىلسەم، شۇ يەرگە پاخال سېلىپ قوياتتىم. مىسىل _ كەمبەغەلنىڭ كۆرپىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇغداي، شال، ئارپا، تېرىق قاتارلىق باشاقلىق زىرائەتلەرنىڭ دېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قالغان قۇرۇق غول قىسمى.
شال پاخىلى.
سۈپ. كۆچمە. قىممىتىنى يوقاتقان، قىممىتى چۈشكەن، ئەرزىمەس؛ يارامسىز، كېرەكسىز.
پاخال پۇل.