UyghurMain Dictionary
پاچچە ساقاۋ قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ئافغانىستان پادىشاھى ئامانوللانى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى پاچچە ساقاۋ(مەنىسى سۇچىنىڭ ئوغلى) بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئافغانىستان پادىشاھى ئامانۇللا تەختتىكى مەزگىلدە بىر قاتار ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى كونا كۈچلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. 1928-يىلى 9-ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ قۇترىتىشى ۋە كۈشكۈرتۈشى ئارقىسىدا ئامانۇللاخانغا قارشى سىنۋار قوزغىلىڭى يۈز بەرگەن، شۇ چاغدا ئافغانىستان قوشۇنىدىكى پاچچە ساقاۋ قوشۇن باشلاپ، كابولغا يۈرۈش قىلغان ھەمدە 12-ئايدا كوبولغا ھۇجۇم قىلغان. 1929-يىلى 1-ئايدا، ئامانۇللاخان تەختتىن چۈشۈشكەمەجبۇر بولۇپ، قەندىھارغا قېچىپ كەتكەن. پاچچە ساقاۋ كابۇلغا كىرىپ ئۆزى خان بولۇپ،ھەبىبۇللا دەپ ئىسىم قويغان. شۇيىلى 10-ئايدا نادىرخان تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.