UyghurMain Dictionary
پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
(1) يەتتە يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەنگلىيە بىر تەرەپ، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە باشقا بىر تەرەپ بولۇپ، 1763-يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنى پارىژدا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. كېيىن پورتۇگالىيىمۇ قاتناشقان. شەرتنامىگە ئاساسەن، فرانسىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۆپ قىسىم قارا جايلاردىن ۋاز كەچكەن، كانادا ۋە مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى يەرلەر(يېڭى ئورلىئاندىن باشقىلار)نى ئەنگىلىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن؛ غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدا ئەنگىلىيە يەنە فرانسىيىنىڭ قولىدىن ترېنىدات ۋە تۇباگو، سېنتۋىنسېت قاتارلىق ئاراللارغا ئېرىشكەن؛ ئىسپانىيە كۇباغا قايتىدىن ئېرىشكەن، بىراق فلورىدانى ئەنگىلىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا بۇنىڭ ئورنىغا لۇئىزىيانىڭ غەربىي قىسمى تولۇقلاپ بىرىلگەن؛ فرانسىيەنىڭ ھىندىستاندىكى قارام جايلىرى تارايغان، پەقەت پوندىچېرى قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى بەش شەھەرنى ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. شەرتنامە ئەنگىلىيەنىڭ دېڭىزدىكى زومىگەرلىكىنى ئورنىتىپ، فرانسىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى كۈچىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ھىندىستاننى تالىشىش كۈرىشى ئەنگىلىيەنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. (2)<ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>مۇ دېيىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش شەرتنامىسى. 1783-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى پارىژدا ئىمزالانغان. بۇ شەرتنامىگەئاساسەن: ئەنگىلىيە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان، ئۇنىڭغا قارىتا بولغۇسى بارلىق تەلەپلەردىن ۋاز كەچكەن ھەمدەبارلىق دېڭىز، قۇرۇقلۇق ئارمىيىلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا كاپالەت بەرگەن. ئامېرىكا تەرەپ پادىشاھپەرەسلەرنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مال مۈلكىنى قايتۇرۇپ بىرىشكە ۋەدە بەرگەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكىنىڭ چېگرىسىنى بېكىتكەن، كانادايەنىلا ئەنگىلىيەگە تەۋە بولۇپ قېلىۋەرگەن.(3)فرانسىيەنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق فرانسىيەگە قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر (روسىيە، ئاۋستىرىيە، پرۇسسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىقدۆلەتلەر) بىلەن 1814-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى پارىژدا ئىمزالىغان سۈلھ كېلىشىمى. كېلىشىمگە ئاساسەن فرانسىيە 1792-يىلدىكى چېگرىسىنى سەلپەل كېڭەيتكەن؛ گوللاندىيە، شۋېتسارىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىتالىيىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر(ئاۋستىرلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن باشقا) مۇستەقىللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ساردىگنا پادىشاھلىقى بۇرۇنقى زىمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ مالتا ئارىلى ئەنگىليەگە تەۋە بولغان، چەت ئەللەردىكى مۇستەملىكىلەر مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەلگەن، فرانسىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىتاللېيراند ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، سۈلھ كېلىشىمىنى فرانسىيىگە پايدىلىق قىلىپ ئىمزالىغان. (4)فرانسىيىنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق فرانسىيەگە قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن 1815-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنى پارىژدا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. شەرتنامىگە ئاساسەن، فرانسىيە مەلۇم ستراتىگىيىلىك نۇقتىلىرىدىن ئايرىلغاندىن باشقا، ئاساسىي جەھەتتىن 1790-يىلدىكى چېگرىسىنى ساقلاپ قالغان؛ فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇداپىئە رايونى، 3-5-يىللىق قەرەلدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان؛ فرانسىيە ئىشغالىيەت ھەققىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە يەتتە مىليارد فرانسىيە فرانىكى تۆلەم تۆلىگەن. ئومۇمەن مەزكۇر شەرتنامىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان 1814-يىلدىكى <پارىژ سۈلھ كېلىشىمى> ۋە ۋېنا يىغىنىدىكى ئومۇمىي كېلىشىمدىكى بارلىق ماددىلار يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىنغان. (5)قىرىم ئۇرۇشىنى (1853-1856) ئاخىرلاشتۇرغان سۈلھ كېلىشىمى. 1856-3-ئاينىڭ 03-كۈنى، روسىيە بىلەن ئەنگىلىيە، فرانسيە،تۈركىيە، ساردىگنا، پرۇسسىيە ۋە ئاۋستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پارىژ يىغىنىدا ئىمزالىغان. كېلىشىمگە ئاساسەن، روسىيە بىلەن تۈركىيە ئۆزئارا ئىگىلىۋالغان زېمىنلارنى قايتۇرۇش؛ قارا دېڭىزنى بىتەرەپ رايون دەپ ئېلان قىلىش، روسىيە بىلەن تۈركىيە قارا دېڭىزدا فىلوت ئورۇنلاشتۇرماسلىق ۋە دېڭىز بويلىرىغا قورغان سالماسلىق؛ داردانىل بوغىزى ۋە بوسفور بوغۇزىدا بارلىق چەت ئەل ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ قاتنىشىنى مەنئى قىلىش؛ دوناي دەرياسىدا خەلقئارالىق كومىتىتنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئەركىن قاتناشنى يولغا قويۇش؛ دوناي دەرياسى ئېغىزى بىلەن سارابىيىنىڭجەنۇبىي قىسمىدىكى بىرقىسىم جايلارنى مولداۋىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ روسىيىنىڭ دوناي دەرياسى بويىدىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرنى قوغداش ھوقوقىنى ئېلىپ تاشلاش بەلگىلەنگەن. شەرتنامە روسىينىڭ ياۋرۇپا ۋە يېقىن شەرقتىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغان. 1870-يىلى روسىيە پرۇسسىيەفرانسىيە ئۇرۇشىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قارا دېڭىزدا دېڭىز ئارمىيىسىگەئىگە بولۇشنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرىنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلغان، كېيىن 1871-يىلىدىكى لوندون يىغىنى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان.