UyghurMain Dictionary
پارمېنىدېس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 513 - ؟ يىللار) قەدىمكى ينان پەيلاسوپى، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېلېئادا دۇنياغا كەلگەن. سىنوپانېس ۋە پروتاگوراسچىلاردىن بولغان ئامېئىنئاستىن تەلىم ئالغان. پلاتونىڭ <پارمېنىدېس ئەسەرلىرى> دە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇ 65 ياش ۋاقتىدا (تەخمىنەن مىلادىدىن 448 يىل ئىلگىرى)، شاگىرتى زېنون (ئىلسالىق) بىلەن بىرگە ئافېناغا بېرىپ، ئافېنانىڭ چوڭ بايرىمىغا قاتناشقانلىقىدىن ئۇنىڭ ياشانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن <تەبىئەت توغرىسىدا> دېگەن ماقالە پارچىلىرى، بىر قىسىم چۈشىنىش تەس بولغان نەسىھەت خاراكتېرلىك شېئىر جۈملىلىرى، ئۇنىڭ پەلسەپىۋى كۆ قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ھېراكلىتوسنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە، ئۇ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەنبەسى ماددا ئەمەس، بەلكى ئابستركت مەڭگۈلۈك <مەۋجۇدىيەت>، <مۋجۇدىيەت ھەم قايتا پەيدا بولمايدىغان، ھەم يوقالمايدىغان، باش - ئايىغى بولمىغان مۇتلەق تۇرغۇن نەرسە دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمى، مەۋجۇت بولغانلىكى نەرسە مەۋجۇت، مەۋجۇت بولمىغانلىكى نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بار نەرسە يوقالمايدۇ، يوق نەرسە ھەم قايتا پەيدا بولمايدۇ؛ پەيدا بولمىغان نەرسە يوقالمايدىكەن، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس؛ كىشىلەر تەرىپىدىن ئىدراك قىلىنغان شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۆزگىرىشى ساختا بولۇپ، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ (ئەقلىي جەھەتىن ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغنالىقىنى كۆرسىتىدۇ) دېگەندىن ئىبارەت. تەپەككۇر قىلىش بىلەن مەۋجۇتلۇقنىڭ بىردەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئادەتتە تەپەككۇر قىلىشقا مۇمكىن بولمىغان نەرسە بىلەن مەۋجۇت نەرسە ماھىيەتتە بىر دەپ ھېسابلىغان. ئۇ زېنو بىلەن بىرلىكتە ئىدېئالىزم ۋە مېتافىزىكىنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، بىر قاتار دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خىل مۇتلەق تۇرغۇن >مەۋجۇدىيەت تەلىماتى< تاگوراسىچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەپلاتوننىڭ ئىدىيە توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. بەزىلەر ئۇنى ئېلىيا ئېقىمىنىڭ ياراتقۇچىسى ھېسابلايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئۇستازى ئېلىيا ئېقىمىنىڭ ياراتقۇچىسى ھېسابلايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئۇستازى سىنېئوپانېسنى بۇ ئېقىمنىڭ پېشىۋاسى دېگۈچىلەرمۇ بار.