UyghurMain Dictionary
پارلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىلەردىن ياخشى - ياماننى ئايرىپ چىقماق.
چىراي تاللىما، مىجەز تاللا. قېرىنداشنى تاللىغىلى بولمايدۇ، دوستنى تاللاشقا بولىدۇ. قۇش شاخنى تاللاپ قونىدۇ، شاخ قۇشنى تاللىيالمايدۇ. ياخشىنى ئىلغا، يامىنىنى تاشلا. ياخشىنى سايلا، ياماندىن يالتاي. ئۇرۇق پارلاش _ ھوسۇلغا يانداش.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
تاللىماق، خىللىماق؛ پەرلىمەك، قارا چىراقنىڭ پىلىكىنى چىقىرىپ قويماق. مەسىلەن:
چىراق نىمە كۆيمەيدۇ،
پارلاپ قويسا كۆيمەمدۇ.
يىراقتىكى يارلارنى،
چىللاپ قويسا كەلمەمدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يارقىن نۇر چېچىپ تۇرماق، يورۇق يانماق؛ چاقنىماق.
بۇلۇتسىز ئاسماندا قۇياش پارلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مەلۇم ئۆلچەم ۋە نۇسخا بويىچە تۈرگە ئايرىماق؛ سورتقا ئايرىماق، خىللىماق، تاللىماق، ئىلغىماق.
ئۈزۈم پارلىماق. ئۇرۇق پارلىماق.
جۈپلىمەك، جۈپ - جۈپ ھالەتكە كەلتۈرمەك.
پارلاپ تىزىلغان ئۆتۈكلەر مال تەكچىسىگە رەتلىك تىزىلغانىدى.