UyghurMain Dictionary
پانتېئون
دۇنيا تارىخى
(1) ئادەتتە قەدىمكى رىمدىكى تۈمەن تەڭرى ئىبادەتخانىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىگە جايلاشقان. پادىشاھ ئاۋگۇستۇس ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 14-يىلغىچە) ئاگرىپپا قۇرغان. رىمدىكى بارلىق تەڭرىلەر قويۇلغانلىقتىن پانتېئون (تۈمەن تەڭرى) دەپ ئاتالغان. كېيىن گۈلدۈرماما ۋە چاقماق سوقۇش بىلەن قىسمەن بۇزۇلغان. پادىشاھ خادرىئان تەختتە تۇرغان چاغدا (117 - 138) مىلادى 120 - 124 - يىللىرى يېڭۋاشتىن سېلىنغان. يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، دىئامېتىرى 5.43 مېتىر؛ ئۆگزىسى گۈمبەزسىمان بولۇپ، ئېگىزلىكى دېئامېتىرغا تەڭ كېلىدۇ. گۈمبەزنىڭ ئوتتۇرىسىدا دىئامېتىرى تەخمىنەن 9 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق تۈڭلۈكى بار. سىرتىدا ئالدى تەرىپىدە رىم كولېنس شەكىللىك تۈۋرۈكلۈك كارىدور بار. كۆرۈنۈشى كۆركەم، ئۆزگىچە بولۇپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاجايىپ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Ⅶ ئەسىردىن باشلاپ خرىستىئان دىنى چېركاۋسىغا ئۆزگەرتىلگەن. (2) فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى ئاتاقلىق كىشىلەرنى خاتىرىلەش زالى. 1757 - 1970 - يىللىرى سېلىنغان.