UyghurMain Dictionary
پانجاپتىكى مەزھەپلەر پاراكەندىچىلىكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پاكىستاندىكى مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇش ۋەقەسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1952 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1953 - يىلىنىڭ باشلىرىغىچە پاكىستاندىكى مۇستەقىللىق پارتىيىسى بىلەن ئەنئەنىچى ئۆلىمالار پەنجاپ ئۆلكىسىدە ۋە پايتەخت لاھوردا كەڭ كۆلەمدە نامايش ئۆتكۈزۈپ، خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئەھمەدىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، بۇ مەزھەپنى ئسىلام دىنىغا يات مەزھەپ بېكىتىشنى، بۇ مەزھەپ مۇخلىسلىرىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى ھەممە ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلاشى تەلەپ قىلدى ھەمدە بۇ مەزھەپنى <مۇسۇلمان ئەمەس ئاز سانلىق مىللەت> دەپ جاكارلىدى. كېيىن لاھور قاتارلىق جايلاردىكى بۇ مەزھەپنى قوللايدىغان ئامما بىلەن قانلىق توقۇنۇش پەيدا بولدى. ئامانلىقنى قوغداش ئۈچۈن، پاكىستان ھۆكۈمىتى پەنجاپ رايونىدا <ھەربىي ھۆكۈمرانلىق> نى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ يىلى 2 - ئايدا پاراكەندىچىلىككە رەھبەرلىك قىلغانلارنىڭ بىرى بولغان مەۋدۇدىنى قولغا ئالدى. كېيىن لاھور ئالىي سوتى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ھۆكۈم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ئىسلامىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مەزھەپلەر توقۇنۇشى تىنجىدى. كېيىن خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ مۇراجەت قىلىشى ئارقىسىدا، مەۋدۇدى قويۇپ بېرىلدى.