UyghurMain Dictionary
پالاقچە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<زوئول> بېلىقلارنىڭ ھەرىكەت ئورگىنى. ئۇ تىكەنسىمان سۆڭەك ۋە پەردە شەكلىدىكى تىرەپ تۇرغۇچى كۆمۈرچەكلەردىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنى ئورۇنلاشقان ئورنىغا قاراپ كۆكرەك پالاقچىسى، قورساق پالاقچىسى، دۈمبە پالاقچىسى، ساغرا پالاقچىسى ۋە قۇيرۇق پالاقچىسى دەپ بىرقانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
<بوت> باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك گۈللىرىنىڭ ئۇرۇقدانى تۈۋىدە بولىدىغان سۇلۇق ۋە تەڭگىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل قۇرۇلما. سانى ئىككى تال بولۇپ، كىچىك ۋە رەڭسىز كېلىدۇ. ئۇ سۇ سۈمۈرگەندىن كېيىن كۆپۈپ، گۈلىنىڭ ئېچىلىشىنى تېزلىتىدۇ.