UyghurMain Dictionary
پالاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . كېمە، قېيىق ۋە قولۋاقلارنى ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
قېيىق پالىقى.
2 . چىۋىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سىم ياكى يالتىراق توردىن ياسالغان ساپلىق سايمان. چىۋىن پالىقى.
3 . تىكتاك توپ قاتارلىق تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىدا توپنى ئۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس سايمان. تىكتاك توپ پالىقى.
4 . دەررە (كونىرىغان سۆز) شەرىئەتتە گۇناھلىق ھېسابلانغانلارنى، دىنىي مەكتەپلەردە تەرتىپنى بۇزدى دېيىلگەن تالىپلارنى ئۇرىدىغان جازا قورالى. پالاق بىلەن ئۇرماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
بۇزۇلغان، سېسىغان (تۇخۇم ھەققىدە).
پالاق تۇخۇم. * تۇخۇم پالاق بولۇپ قاپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
يىقىلىش، ئۇرۇلۇشتىن چىققان ئاۋاز.
ئۇ پالاققىدە يىقىلىپ چۈشتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى بۇزۇلغان، ئۇچى سۇنغان تۇخۇمغا قارىتىلاتتى. ھازىر بۇزۇق، سۇنۇق، بۇزۇلغان، سۇنغان ھەممە نەرسىگە قارىتىلىدۇ.
پاخشە تۇخۇمدىن چۈجە چىقماس. پالاقتىن پايدا كۈتمە.
شىۋىلەر
بۇزۇلغان، سېسىپ قالغان، كۆكىرىپ قالغان. مەسىلەن: پالاق تۇخۇم، نان پالاپ قاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپلەيدىغان ياكى سوراقخانىلاردا گۇناھكارنى ئۇرىدىغان جازا قورالى؛ يېسسى تاياق.
پالاق بىلەن ئۇرماق.
كېمە، قېيىق، قولۋاقلارنى سۇدا ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، سۇغا كىرىپ تۇرىدىغان، ئۇچى يېسسى قىلىپ ياسالغان ياغاچ.
قېيىق پالىقى.
چىۋىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سىم ياكى يالتىراق توردىن ياسالغان ساپلىق ئەسۋاب.
چىۋىن پالىقى.
<تەن> تىكتاك توپ قاتارلىقلارنى ئۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ ياكى باشقا نەرسىلەردىن مەخسۇس ياسالغان تەنتەربىيە سايمىنى.
تىكتاك توپ پالىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىخسىغان، بۇزۇلغان، سېسىپ قالغان، كۆكىرىپ قالغان (تۇخۇم ھەققىدە).
پالاق تۇخۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
يىقىلىش، ئۆرۈلۈش ۋە تېز ھەم تاسادىپىي ھەرىكەتتىن چىقىدىغان ئاۋاز.
سۇلايمان ئاتتىق <پالاق> قىلىپ يىقىلىش بىلەنلا داد - پەرياد كۆتۈردى.