UyghurMain Dictionary
نىئېلسېن
دۇنيا تارىخى
(1) كارل نىئېلسېن (1865 - 1931). دانىيە كومپوزىتورى. يېزا سازەندىسى ئائىلىسىدە ئوقۇغان. 1891-يىلى سىمفونىيىلىك ئوركېستىر ئۆمىكىگە قاتناشقان. 1908 - 1914-يىللىرى ئوركېستىرنىڭ دىرىژورى بولغان. كېيىن كوپېنھاگېن پادىشاھلىق مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنى مۇدىرى بولغان. شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سەييارە ئويۇن قويغان. ئەسەرلىرى ئىچىدە ئالتە سىمفونىيە تەڭكەش قىلىپ چېلىنغان ئۈچ مۇزىكا، ئىككى ئوپېرا بەكمۇ مەشھۇل بۇلاردىن باشقا يەنە <ھايات مۇزىكىسى>، <بالىلىق دەۋرىم> دېگەن ئەسەرلىرى بار. (2) رۇدولف نىلسېن (1901 - 1929) نورۋېگىيە شائىرى. ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1923-يىلى نورۋېگىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1924-يىلى نورۋېگىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1924 - 1926-يىللىرى نورۋېگىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى گېزىت - ژۇرناللىرىنىڭ تەھرىرلىكىگە قاتناشقان. ئەسەرلىرىدە كاپىتالىزم ەمئىيىتىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەمدە خەلقنى كۈرەشكە چاقىرغان. <تاشلىق تۇپراقتا>، <خەير خوش>، <خىزمەت كۈنى> دېگەن شېئىرلار توپلىمى بار.