UyghurMain Dictionary
نىتراتسىزلىغۇچى باكتېرىيە
بىئولوگىيە
بەزى قوشۇمچە ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىدىغان باكتېرىيىلەر (مەسىلەن، ئىشاينىكسىمان بىخ سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيە مىس كۆكى رەڭلىك يالغان تاق ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە ۋە ئازوت ئاجراتقۇچى گۈڭگۈرت تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلار) ئوكسىگېن بولمىغان شارائىتتا، نىترات كىسلاتا تۇزىنى ئاخىرقى ئېلېكترون قوبۇل قىلغۇچى قىلىپ ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىدۇ. نىترات كىسلاتاسىنى ئوكسىدسىزلاپ نىترات كىسلاتاسىغا، نىترىت كىسلاتاسىنى يەنىمۇ ئوكسىدسىزلاپ ئازوت (1) ئوكسىدى ۋە ئازوت گازىغا ئايلاندۇرىدۇ. باكتېرىيىلەر ئىچىىدكى مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكى بولغان فىزىئولوگىيىلىك تۈركۈم ئومۇملاشتۇرۇلۇپ نىترىتسىزلىغۇچى باكتېرىيىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ئوكسىگېنسىز شارائىتتا نىترىتسىزلىغۇچى باكتېرىيىلەر تۇپراقتىكى ئازوتقا زىيان سالىدۇ.