UyghurMain Dictionary
نىقتىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاستاغىنا ئىتتىرىپ قويماق.
ھۇي - دېدى ئۇ ئۇنى نوقۇپ، ئاستا گەپ قىل، ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلايلى. سەن قاچان ئادەم بولىسەن، - دەپ ئۇنى تۈرتۈپ قويدى ئانا. نىقتاپ قويسام تۇيمىدىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى مەلۇم نەرسىنىڭ ئىچىگە كۈچ بىلەن بېسىپ كىرگۈزمەك، چىڭ تىقماق.
تاغارغا سامان نىقتاپ قاچىلا.
ئۇ تام تۆشۈكلىرىنى قەغەز بىلەن نىقتاپ ئەتتى.
بىر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىگە تىرەپ تۇرۇپ قاتتىق ئىتتەرمەك، نوقۇماق.
ئۇ باقىنى ياقىسىدىن تۇتۇپ تامغا نىقتاپ - نىقتاپ قويدى.