UyghurMain Dictionary
نىكاھ تەڭداشلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچىدە <كەفائەھ> دېيىلىدۇ. بۇ مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جۆرە تاللاش ئۆلچىمىدۇر. يىگىت بىلەن قىز قان سىستېمىسى، كەچۈرمىشى، كەسپىي، جەمئىيەتتىكى ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر - بىرىگە ماس كېلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىش Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىرقى پەرق، دەرىجە قارىشى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ئىراقنىڭ كۇفە شەھىرىدىكى جەمئىيەتتە پەيدا بولدى. بۇنى ھەممىدىن بۇرۇن ھەنبەلىيە ئىلمى ئېقىمى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىن مالىكىيە ئىلمى ئېقىمى داۋاملاشتۇردى.