UyghurMain Dictionary
نوسكې
دۇنيا تارىخى
(1868 - 1946) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭ قانات باشلىقلىرىدىن بىرى. ئىشچى ئائىلىسىدىن چىققان. ياشلىق دەۋرىدە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سوتسىيال شوۋىنىزمچى بولۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللىغان. 1918-يىلى 11-ئايدا، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كىلغا ئەۋەتىلىپ، ماتروسلار ۋە ئىشچىلارنىڭ قوزغىلىڭىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. 1919 - 1920-يىللىرى سوتسىيال دېموكراتلار ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي - مەمۇرىي ئىشلر مىنىستىرى بولغان، لىبكنېخت ۋە ليۇكسېمبۇرگلارنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان، ئىنقىلابنى دەھشەتلىك باستۇرغان، شۇڭا <قانخور چىلبۆرە> دەپ نام ئالغان. ناتىسىستلار ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ھۆكۈمەتتىن كۈتۈنۈش پۇلى ئالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا نەزەربەند قىلىنغان (1944 - 1945).